ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

بلوگنىڭ ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ بولالمىغانلىقىغا مېنىڭمۇ ئىچىم سەل پۇشۇپ قىلىۋاتىدۇ. سالامەت بولساق يەنە ئىككى ھەپتىلەردە بۇ ئالدىراشچىلىقلارمۇ تۈگەپ <<ئۇف>> دېگۈدەك ۋاقىت چىقىپ قالار...

كۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

         ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كىيىن، ئادەم مېڭىسى ئىقتىدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن قېرىلىشىشقا باشلايدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ چېكىنىدۇ، چوڭ مېڭە  قورۇلۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە نېرۋا تالالىرىدا چېكىنىش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ياش چوڭايغانسىرى ئادەم مېڭىسىدە يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، بىراق ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: دېۋەڭلىك ياشانغانلار

چوڭلارنىڭ <<كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ >> دېگەن سۆزى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق، ھالال، پاكىز بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندىن باشقا چىش پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىش چوتكىسى بولمىغان ئىلگىركى زامانلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك ئىشلىتىپ ئۈممەتلىرىگە موھىم سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان. چىش چوتكىلاش، چىشنى پاكىز تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرىنى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاساسەن بىلىدۇ.

1. مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنى خۇش قىلىدۇ.

2.ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.

بىر مەزگىللەردە ئەمۋاينىڭ تىجارەتچلىرى ئارقامغا كىرىۋېلىپ بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەتتى، ئىچىم ئاغرىپ ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چىش

ھېسابلاشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن بىر نۇسقا سۈت كۆپەيتىش تالقىنىنىڭ پۇلىسى ئارتۇق ئىلىنىپ قالغان. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  <<سۈت كۆپەيتىش تالقىنى>> ئالغان خىرىدار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ يەنە بىر نۇسقا سۈت كۆپەيتىش تالقىنى ئىلىۋېلىڭ، سىزنىڭ ھەققىڭىز بىزدە قالمىسۇن! ئارتۇق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىن تېلفۇن قىلىپ ئالاقىلاشقايسىز!

__________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

13565662787

0998-2820877

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سۈت

ئاغرىق ئازابىنى بىر تارتىپ قويدۇم

مېنى بىر قانچە قېتىم چايان چىقىۋالغاندا ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن دۇنيادا مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئاغرىق يوقتۇ دەپتىكەنمەن، چايان چاققاندىكى ئاغرىق ماۋۇ ئاغرىقنىڭ << قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك>>. راھەت ياشىغان كۈنلۈرۈم يادىمغا يەتتى، 10 يىللىق راھەت بىر قانچە مىنۇتلۇق ئاغرىق ئازابىغا پايلىمايۋاتاتتى، ئۆلۈم يادىمغا يەتتى، سەكرات ئالدىدىكى جان چىققۇچە بولغان بىر قانچە دەقىقىدىكى ئازابتا ، ئىنسان ھاياتىدىكى بارلىق راھەتلىرنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ دەپ كىتابلاردا ئوقىغاندەك قىلغان ئىدىم. مەن تېخى سەكراتقا چۈشمەي تۇرۇپ بۇنچە ئاغرىق كۆرسەم گۆر ئازابى، دەۋزەخ ئازابى دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغلىلى بولمايدىكەن دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتۈپ دەۋزەختىن پاناھ تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا 2-3 ئۈچ ئېغىر كېسەللەر جىددىي بۆلىمدىلا جان ئۈزگەن ئوخشايدۇ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بۆرەك، تاش سۇ ئاغرىق دوختۇرخانا

ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى

  كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. 

ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئانانىزىم

قان بېسىم دېگەن بىر قېتىم چۈشۈرۈپ قويغانغا جايىدا جىم تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا قان بېسىمنى تىزگىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولۇشى، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەنلەرنى تەرتىپلىك ئىلىپ بىرىش كېرەك. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۇرىقىنىڭ قان بېسىمىنى مۇئەييەن چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. لىكىن بۇنى ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىغا باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. قان بىسىمغا دورا ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە رېتسىپلىق دورا ئىچىپ بىرىشى كېرەك. قان بىسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئادەتتە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان، ئۆزى ئەرزان، تېپىشقا ئاسان نەرسىلەردىن لىمون (تىلىپ قايناق سۇغا سىلىپ ئىلىدۇ)، قوناق ساقىلى (چاي دەملەپ ئىچىدۇ)، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇر، تۇرۇپ، قارا ئۈرۈك، گىلاس، تاۋۇز، ھەسەل، چىلان، قېتىق قاتارلىقلار.

يۇقۇرى قان بىسىم بىمارلىرى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قان بىسىم

بۈگۈردىن بىرزات شور كۆرپىسى سېتىۋالماقچى بولغانلار بۈگۈردىكى ئەخمەتجان بىلەن ئالاقىلاشقاي: 13779646657

بىرزات شور كۆرپىسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:

80halta.com/article/587.htm

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىرزات 80خالتا شور تۇز

ھاياتلىق لىنيىسى خەۋىرى: كونىلاردا:«تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭساڭ، 99 ياشقا كىرىسەن» دەيدىغان سۆ بار. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىش ياخشى ئادەت بولسىمۇ ئەمما بارلىق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدىكەن، تۆۋەندىكىلەر تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدىكەن:

[تەپسىلاتى]

ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بىرزات ئۇستام بۇندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇناسىپ بولغان تاماق-غىزا رېتسىپلىرى بىلەن تورداشلارنى بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە زېققە بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چامغۇر، زېققە


تەجىربىلىك مومىلىرىمىز ئائىللەردە ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر ۋە قوي، تۆگە مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى دېگەنلەردىن ئىسسىقلىق مەلھەم تەييارلاپ سوغۇق مىجەز نەۋرە، بالا-چاقىلىرىنى شىپالىق قوللىرى بىلەن مايلاپ ئاپتاپقا قاقلاپ سوغۇقتىن تېنى ئاجىز، بەل -پۇتى تالىدىغان، كېچىلىرى سېيىپ ياتىدىغان، پېيى تارتىشىدىغان ئەھۋاللارنى داۋالاپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق، قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، بەلباغ باغلاپ بەل-بۆرەكنى ئىسسىق ساقلايدىغان، مەزمۇت ئۆتۈكلەر بىلەن قەھرىتان قىشنى چىقىرىدىغان يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇققا توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىستىمال ئادىتىمىزگە ئايلىنىشى پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، كەيپىياتنى سۇسلىتىپ سوغۇقتىن بولغان ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ بۇ خىل ئىسسىقلىق مەلھەملەرگە بولغان ئىھتىياجىمىز كۈندىن - كۈنگە ئىشىپ بارماقتا. ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە بولۇپ....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەفرۇز

80خالتا بلوگى 2011-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ مۇنەۋۋەر بلوگنى باھالاش پائالىيىتدە 1-بولۇپ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلداۋا تورى، قوللىغان بىلكان شىركىتى ۋە تورداشلارغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىلكان، بلوگ 80خالتا

يىللاردىكىدەك بۇ يىلمۇ يەنە ئۇيغۇر بلوگلىرىنى باھالاش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. ئىلگىركىسىگە ئوخشىمايدىغىنى بىلەت تاشلاش ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولۇپ ئاشۇ مۇنبەرلەرگە ئەزا بولغانلارلا بىلەت تاشلىيالايدۇ. 80خالتا بلوگى بۇ پائالىيەت باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىزچىل قاتناشقان ھەم تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇدا 1-لىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىل رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن. ھازىرقى تاشلىنىۋاتقان بىلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا 80خالتا بلوگى، ئالىم ئەھەت بلوگى، جېك بلوگى، تورخۇمار بلوگى قاتارلىق نامدار بلوگلارنىڭ بىلەت سانى بەيگىگە چۈشكەن ئاتلاردەك بىر-بىرىدىن قىلىشماي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. بىلەت تاشلاش ۋاقتى بەكلا قىسقا بولۇپ مۇشۇ يىل چىقىپ كەتكۈچە بولىدۇ. تورداشلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارغا بىلەت تاشلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.( 80خالتا بلوگى يەنە 1-بولالارمۇ؟) تۆۋەندىكى مۇنبەرلەردىن قايسىغا ئەزا بولغان بولسىڭىز شۇنىڭغا كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بلوگقا بىلەت تاشلاپ قويۇڭ!

بىلەت تاشلىنىۋاتقان سورۇنلار:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: 80خالتا بلوگ بىرزات

بىرزات چايلىقلىرى (1)

بۇرۇن ياللۇقى چېيى:

ئۆت ياللۇقى چېيى:

قەۋزىيەت چايلىقى:

 مەزى بېزى ياللۇقى چايلىقى: ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چايلىقلار: سۈت كۆپەيتىش چايلىقى: زېققە چايلىقى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چايلىق، چاي، دورا 80خالتا

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىدىن كۆپ قولايلىق، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، ئەمما قايسىلا خىلدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسۇن، ئاياللارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنداقتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيانلىرى.....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھامىلىدار، دورا، قىز ھامىلە

‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ! تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ!

http://www.yuksel.me/1845.html

خەتكۈش: بلوگ 80خالتا

 بىرزات ئىلاۋىسى : سانائەت ئىچىملىكلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زېيىنى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەر قاچان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىردەملىك راھەت، تەم ھوزۇرى دېگەنلەرنىڭ جەلىپ قىلىشى بىلەن ئورالما، قۇتا سىرتىغا 100% ساپ دەپ يېزىپ قويغان ھەر خىل ناملاردىكى مېۋە شەربەتلىرى يەنىلا بازارلىق بولماقتا. 100% دەپ يېزىپ قويغىنى شۇ خىل مېۋىنىڭ سىقىۋىلىنغان مېۋە سۈيىمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى دېگەنلەر شۇ مېۋىنىڭ سۈيى بولماستىن ئۇنىڭ تەركىبى: سۇ، شىكەر، ئارسېن، ۋېتامىن ۋە باشقا تەم، رەڭ خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مېۋە تەركىبى بار دېگەندىمۇ 10% ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئادەتتە دورا ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى يۇقۇرى ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئالما شەربىتىنى زىيانلىق دەپ قارالغان بولسا جۇڭگۇدا ئىستىمالچىلار تېخىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر. تۆۋەندە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالما شەربىتىنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى خەۋىرى دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئالما

ئاپېلسىن يېيىشتىكى تۆت چوڭ پەرھىز

ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ئالاھىدە پەرھىز قىلىش كېرەك:

[تەپسىلاتى]

بىرزات ئىلاۋىسى: كېچىكىمىزدە بىر كىمگە ئاسما ئوكۇل ئېسىپتۇ دېسە، كېسىلى خېلى ئېغىر ئوخشايدۇ دەيتتۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسما ئوكۇلنى بالنىستقا ئىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان خېلى ئېغىر كېسەللەرگە ئىشلىتەتتى. ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر ئازىراق زۇكامداپ قالسىمۇ، ئاز تولا سوغۇق ئۆتۈپ ياكى قوقاق تېگىپ گېلى ئاغرىپ قالسا ياكى يەڭگىللا يۆتىلىپ قالسىمۇ،  دورا چېپىپ تېڭىپ قويسىمۇ ساقىيىپ كېتىدىغان يەڭگىل زەخمىلەرگىمۇ دوختۇرخانىغا بىرىپ ياللۇققا قارشى ئاسما ئوكۇللارنى ئاستۇردىغان بولۇپ كەتتى. دوختۇلاردىمۇ << 4-5 كۈن ئوكۇل ئېسىۋېتىلى>> دېيىش مودا بولغاندەكلا ئوموملىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق، قايناق سۇ ئىچىپ، شۆۋگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىپ، سوغۇق ئۆتكۈزۋالماي ئارام ئالسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغان كېسەللەرگىمۇ ئانتىبىئوتېكلارنى زورمۇ-زور ئىشلىتېۋىرىش نەتىجىسىدە بەدەنلىرىمىز زەھەرلەندى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش تەبئىي ئىقتىدار ئاجىزلاشتى...

جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى دورا نازارەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىيەنخوڭ ئاشكارا سورۇنلاردا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ...

[تەپسىلاتى]

ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر

بىر يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنى قانداق كۈتۈش، نېمە كېسەلگە نېمە شىپا بۇلۇشتىن تارتىپ بىلىدىكەن. بۇ يۇرتتا كامالەتكە يەتكەن بىر تىۋىپ بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بار ئىكەن. شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىخلاسمەن، تىرىشچان، بىلىمى تېز يۈكسېلىۋاتقان بىر شاگىرتى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇستاز تېۋىپ بىر كۈنى شاگىرتىنى چاقىرىپ:‹‹سېنڭ تىۋىپلىق ئىلىمىڭ خېلى كامال تاپتى، ئۆز ئالدىڭغا ئەمخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىساڭ بولىدۇ. شۇڭا ساڭا بېرىدىغان مەسلىھەتىم، بۇ يەردىن يىراق بىر جايدا تۇرپان دىگەن يۇرت بار، ئۇ يەردىن بوران كۆپ چىقىدۇ، ھاۋاسى توپا-چاڭ، بۇنداق مۇھىتتا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ، سەن شۇ يۇرتقا بېرىپ كىشىلەرنى داۋالىغىن›› دەپ دۇئا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاگىرت بۇ يۇرتقا كېلىپ ئەمخانا ئېچىپتىكەن، بىر يىلغىچە تۈزۈك كېسەلمۇ كىرمەپتۇ. قارىسا كىشىلەر چامغۇرنى سۇيۇقئاشقا توغراپ سېلىۋاتقانلىغىنى، گۆش پىشۇرسا شورپىغا چامغۇر سېلىۋاتقانلىغىنى ۋە يەنە باشقا ئۇسوللار بىلەنمۇ كۈندە ئىستىمال قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇستازىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇستازى قايتىپ كېلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن،...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چامغۇر، زېققە

ئاقسۇ ئاۋاتتىن <<بىرزات شور كۆرپىسى>> زاكاس قىلغۇچىلار بىۋاستە 13657578806 غا تېلفۇن قىلىپ بىلقىز خانىمدىن سىتىۋالساڭلار بولىدۇ!

بىرزات شور كۆرپىسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرگەيسىز:

http://www.80halta.com/article/587.htm

خەتكۈش: بىرزات شور كۆرپىسى

بىرزات ئىلاۋىسى: ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە

ئەسكەرتىش:
مەزكۇر فىلىمدە ئادەم بەددىنىڭ ھەممە ئەزاسى دېگۈدەك ئوچۇق ئاشكارە سۈرەتكە ئېلىنغاچقا ئىمكان بار چوڭلار ۋە كىچىكلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇپ كۆرمەڭ. ھەمدە بىزنى سېرىق فىلىم تەرجىمە قىلىپتۇ دېگەن قاراشتىمۇ بولماڭ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم يەنى ئىلمىي پەن تېخنىكا فىلىمى شۇڭا ئىلمىي كۆز قاراشتا بولغايسىز!

مەزكۇر فىلىم ئەنگىلىيە  BBC نىڭ ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىققان 7 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بولۇپ قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى يېقىندا بۇ قىممەتلىك ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئىشلەپ روياپقا چىقاردى. (ھازىر ئىلان قىلغىنى 2 قىسىم) بۇ 2 قىسىم فىلىمدا ئادەم بەدىننىڭ تۈزىلىشى، ھامىلىنىڭ تۆرىلىشى، تۈزىلىشى، ياشنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى. ئەر بىلەن ئايالنىڭ قوشۇلىشى نەتىجىسىدە تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ قانداق بىرىكىشى، قايسى يوسۇندا ئۇچرىشىپ تۆرەلمە ھاسىل بولۇش، بوۋاقنى بارلىققا كېلىشى، تۇغۇلۇش جەريانى قاتارلىق ئىنچىگە تەپسىلاتلار زامانىۋى سىنغا ئىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىم  كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز ئۆز بەدىنىڭىزنى تولۇق چۈشىنىپ چىقالايسىز! فىلىمنى تەپسىلاتىغا كىرىپ كۆرۈڭ!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئادەم بەدىنى ئاناتومىيېسى

پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئىسسىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەممە تەرەپكە قاتىراپ يۈردى. ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيى زىيادە ئىسسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ‹‹ پار كېسىلى ››گە گىرىپتار بولدى.
يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيىسىگە بېرىپ، كېسەل كۆرۈنگىلى كەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى گىلى ئىشىپ قېلىش، نەپسى سىقىلىش، ئىچى تىتىلداش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پار، ئىسسىقلىق

زاراڭزا، چىلان چېچەك ھەسەللىرى ئاساسلىقى قان قويۇق، قان بۇزۇلغان، يۇقۇرى قان بېسىم، جېگەرنى ماي قاپلىغان ۋە شۇ سەۋەپتىن قان ئايلىنىش ياخشى بولماي يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ئالاھىدە ماس كىلىدۇ. يامغۇرلۇق ھاۋا ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يىل ھەر قايسى ھەسەل ھەرە فىرمىلىرىنىڭ ھەسەل مەھسۇلاتى يىللاردىكىدىن ئازلاپ كەتكەن، چەتئەللەردىمۇ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئۆلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ھەسەل ئازلاپ كەتكەنلىك خەۋەرلەرنى ئالدىنقى يىللىرى ئاڭلىغان. بۇ بەلكىم ناچار موھىت بۇلغىنىشى، ئىكولوگىيەلىك كىلماتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت بولىشى مومكىن دەپ تەخمىنلەر بولۇنغان ئىكەن. بۇ سەۋەبلەر ھەسەل تەنەرقىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: زاراڭزا، چىلان ھەسىلى

 دۆلىتىمىزتىكى 50%ئادەمنىڭ باش تىرىسى ساغلام ئەمەس

باش تىرىسى ياغلىق بولۇشنىڭ 6 خىل سىرى

 ئىلاۋە :دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 10 تۈرلۈك ساغلاملىق ئۆلچىمىنىڭ توققۇزىنجىسى چاچ پاقىراق بولۇش ، كىپەك بولماسلىق . باش تىرىسىنىڭ ساغلام بولۇشى تەننىڭ ساغلاملىقىغا چىتىلىدۇ ، جوڭگودا يېرىمدىن كۆپرەك قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ باش تىرىسى ساغلاملىقىدا مەسىلە بار . باش تىرىسىنى چاچ دائىم يېپىپ تۇرغانلىقتىن دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان بىر ‹سىرلىق بەلباغ› قا ئايلىنىپ قالدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چاچ، مايلىق، ياغلىق، ھورمۇن

ئاياللار ئۆمۈرىدە ھەيز ، ھامىلدارلىق ، تۇغۇت، ھەيز توختاش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان فىزلوگىيىلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

بىرىنچى مەزگىل ھەيز مەزگىلى بولۇپ بۇ مەزگىلدە ئانىلىق ھورمۇن ئۈزلىكسىز داۋالغۇپ تۇرىدۇ،ئانىلىق ھورمۇن قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن بۇ چاغدا قان بېسىمدىكى ئۆزگۈرۈشمۇ تۇراقسىز بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار بۇنداق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىشى، تۇرمۇش تەرتىۋىنى قانۇنيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىشى، ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى لازىم.
ئىككىنچى مەزگىل ھامىلدارلىق مەزگىلى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئاياللىق ھورمۇن يۇقۇرى قان بېسىم

ھالبۇكى كۈندە 4 قۇتىدىن كۆپرەك كولا ئىچىدىغانلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كولانى ئاز ئىچىدىغان ياكى ئىچمەيدىغانلاردىن 28%~44%گىچە يۇقۇرى بولغان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە مەيلى كولانىڭ قەنت تەركىبى قانچە تۆۋەن بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقۇرى قان بېسىمغا گىرىپتار قىلىش خەتىرى يەنىلا ئېشىپ بارىدىكەن، پەقەت ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كولا، يۇقۇرى قان بېسىم

‹ئېچكى كىسەللەر› ژورنىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ خىللىق ۋېتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دارىلار بەلكىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۆتكەن 22 يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاياللار (ئەمما بۇ نەتىجىنىڭ ئەرلەرگىمۇ ماس كىلىدىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن) دىن بىرنەچچە قېتىم ۋىتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دورىلانى ئىستىمال قىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان سالامەتلىك ئەھۋالى توغۇرلۇق ئۇچۇلارنى توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالىملار بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خاتىرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ۋېتامىن ئوزۇقلۇق

يۇقۇرى قان بېسىم

بىرلەمچى قان بېسىم دېگىنىمىز قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادە قىلغان ھەمدە كۆپ خىل خەتەرلىك يۈرەك-قان تومۇر ئامىللىرى ئەگىشىپ كېلىدىغان (ياكى كەلمەيدىغان) يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ئادەتتە قىسقارتىلىپ يۇقىرى قان بېسىم دېيىلىدۇ.يۇقىرى قان بېسىم بولسا كۆپ خىل يۈرەك،مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھەم خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ،رەئىس ئەزالار،مەسىلەن يۈرەك،مېڭە،بۆرەكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئاخىرىدا بۇ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھازىرمۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىك ئۆلۈملىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولماقتا.
 
دەرىجىسى ۋە ئېنىقلىمىسى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۇقۇرى قان بىسىم

80خالتا دۇكىنىدا يېزىلغان خاتىرىلەر(6)

بىر چاغدا ئېنگىلىزچە زۇۋاندا بىر قىز : - مەن قەشقەرنى بىلمەيتتىم، تۇنجى كىلىشىم ئىدى، دوستۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇپتىكەن دەپ تېلفۇن قىپتۇ. سەن خاتىرجەم بول دەپ ماشىنا كىلىشىگە ئۈلگۈرۈپ بىكەتكە ئالدىغا چىقتىم. قاراسام قاراماتاقراق كەلگەن، بىر قارىسا ھىندىستان كىنو چولپانلىرىغا ئوخشايدىغان، يەنە بىر قارىسا ياۋرۇپالىق سېرىق چاچ قىزلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قىزىم ئىكەن. ئالدىغا بىرىپ سالاملاشتىم، ۋاي بۇ قورۇنۇش دېگەن بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىلا بارمۇ نېمە دەپ قالدىم، شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ، كونا دوستىدەك سالاملىشىپ ھال سوراپ كەتتى. (ماندا بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ جۇما يانا ). ئالدىنقى كۈنى ئۇچۇر بەرگەن دوستۇم بۇ قىزنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا بۇ قىزدىن ۋاقىتنى ....

[تەپسىلاتى]

بىرزات شور كۆرپىسى ھەققىدە (رەسىملىك)

تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ  قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىراپ، بىنا ئۆيلەرگە سولىنىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باش كۆتۈرمەي ئىشلەشلىرى،  ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە خىمىيەلىك خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ كۆپلەپ يەپ- ئىچىلىشى، خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن پارنىكتا تەييارلانغان سەي- ئوتياشلارنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ پارنىكتىن چىقىپلا توڭلاتقۇغا كىرىپ يەنە بىر سۈنئىي ساقلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىشىلەردە قان سوۋۇش ئارقىلىق قاننىڭ ھەرىكىتى ئاجىزلاش، قان تومۇرلار تارىيىش، قان ۋە جىگەردە ماي ئارتىپ كېتىش، بەل-بۆرەك سوۋۇش، كۆپ تەرلەش، ماغدۇرسىزلىق، بەل-پۇت ئاغرىقى، بەدەننىڭ ئېممۇنىت ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپلەپ كۆرىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە شور تۇز ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ساغلاملىقنى ئاسراش ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرزات شور كۆرپىسى....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىرزات شور كۆرپە

بىرزات شىركىتى قۇرۇلدى.

 شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئەجرىم سىڭگەن <<بىرزات>> دېگەن نام بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا كىشىلەرگە ئۆزۈمنى ئىپادىلەيدىغان لەقەم، ئۆزۈمگە خاس بولغان مەھسۇلاتلارنى خىرىدارلىرىمغا سۇنغاندا ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايدىغان ماركام بولۇپ قالدى. 4-5 -ئايلاردا بىرقانچە بۇرادەرلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا << بىرزات شىركىتى >> قۇرۇلدى. شۇندىن كىيىن شىركەتنىڭ بىجىرىدىغان رەسمىيەت ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ ئاساسەن بىر ياقلىق بولدى. تۇنجى قەدەمدە ئالاھىدە دورىلىق ماي سەپلەنگەن <<بىرزات شور كۆرپىسى>> بازارغا سىلىندى. بۇ كۆرپىنىڭ قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە".....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىرزات

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئورگانىزىملىق كېسەل پەيدا قىلمايدىغىنى بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئادەتتە توي قىلمىغان ۋە ھامىلدار بولمىغان قىز ئاياللاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ، ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈشكە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
كۆپىيىش ئەزاسىدا ئورگانىزىملىق كېسەل پەيدا قىلىدىغىنى ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئاتىلىپ، ئۇ پاتالوگىيىلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمال بولماسلىق، بالياتقۇ بەز مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالياتقۇ ئىچكى پەردە مۇنچاق گۆش، بالياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش، بالياتقۇ كەمتۈكلۈك، داس بوشلۇقى ياللۇغى(جىددى خاراكتىېرلىك،ئاستا خاراكتىېرلىك)، بالياتقۇ بوينى تارىيىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىنى كېيىن ئاندىن سەۋەبىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش ھامىلدارلىق

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

نۆۋەتتە تېلىۋىزور ۋە رادىئولاردا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقات شامىلى خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى.ئېلاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان كىشىگە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددى ھەم غەم-قايغۇسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش راستلا شۇنداق ئاسان، غەم قايغۇسىز،ھىچقانداق خىيىم-خەتىرى ھەم زىيىنى يوق ئىشمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زادى قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار كۆرۈپ باقايلى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھامىلە

مۇشۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دورا دۇكانلىرىدا زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئېلانلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىر ئېنىق ئىپادىسى بولسا كىرەك.مۇبادا سىز قىش پەسلىدىكى تۈرلۈك كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز،سىز چۇقۇم يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بۇنى كۈندىلىك پائالىيەت تەرتىپىگە كىرگۈزۋېلىڭ. نىيوروك شەھرى ۋېلككورنىل تىببى ئىنىستۇتى(Weill Cornell Medical College) نىڭ پىروفىسورى، ئىممۇنىت ۋە مىكرو بىئولاگىيە كەسپىنىڭ تىببى پەنلەر دوكتۇرى ئاننا موسكونا(Ane Moscona) مۇنداق دەيدۇ::

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىممۇنېت يېمەكلىك

جان ئوت، جان ئەر...

ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈئوغۇلنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.

تۆۋەندە خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن << جان ئوت، جان ئەر>> دېگەن ھېكايە :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەر ئايال تۇرمۇش

تۈر:تۇرمۇش | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 1991

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار

80خالتا بلوگىنى يېزىشقا باشلىغىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قاپتۇ. قارىسام ھازىر تورداشلار دەماللىققا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولسا ئۆزىگە لازىملىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشەلىگىدەك كۆلەمگە ئىگە بولغاندەك بوپتۇ. مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلگىچە ئۆزۈممۇ كۆپ ئەجىر قىپتىمەن. تورداشلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بىرىپ تۇرۇپتۇ.  كىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 80خالتا بلوگ نامىدىن بارلىق تورداشلىرىمغا سەمىمى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنداق بىر پائالىيەت ھەققىدە تورداشلاردىن ئىختىيار ئەتكەنلەردىن 80خالتا بلوگىغا تەكلىپ ئەتمەكچىمەن

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پائالىيەت

يېگىت قولداشنىڭ ئەخمىقانە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن توي كېچىسىدە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بولۇپ قالىدىغانلىقى ئانچە-مۇنچە قۇلقىمىزغا كىرىپ تۇرىدۇ. بىر قولداش توي قىلغۇچى يېگىت دوستىغا ئالاھىدە << دورا >> ئەكىلىپ بىرىدۇ. يېگىتنىڭ ئەسلى تەبئىتىدىكى قوپاللىق بىلەن <<دورا>>نىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ يېگىت  توي كېچىسى بىر ياۋايىغا ئايلىنىدۇ دە مەڭگۈلۈك ئۆمۈر جۈپتىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيتىگە ئېغىر جاراھەت قالدۇرىدۇ. قىز بىھۇش بولۇپ قانسىراپ كېتىدۇ. يەڭگىلەر پاتپاراق بولۇپ قىزنى دوختۇرغا ئىلىپ مېڭىشىدۇ. قىز شۇ تۇرقىدا 20 كۈنلار ئەتراپىدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىدۇ...ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەپسىلاتلاردىن خەۋەرسىزمىز. يەنە بىر توي كېچىسى يېگىتنىڭ ئۆلىمى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ كىشىلەر ياقىلىرىنى تۇتۇشتى. يېگىت قولداشنىڭ ئېيتىشىچە توي كېچىسى يېگىت <<دورا>> يېگەن. ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ مىھمانخانىغا بىرىپ يۇيۇنۇپ ئۇخلاپ قالغانچە ئويغىنالمىغان. كىيىن جەسىدى بايقالغاندىن كىيىن دوختۇرلار، يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن بولغان دېگەنمىش. مانا مۇشۇنداق پاجىئەلەر يېگىتنىڭ ساۋاتسىزلىقى، جىنسىيەت چۈشەنچىسىنىڭ چولتىلىقىدىن بولغان دەپ قارايمىز. مومكىن بولسا توي كېچىسى ھەققىدە يېگىتكە ئىش ئۈگۈتىدىغان كىشى يېگىتنىڭ يېقىن تۇققانلىرىدىن تاغىسى ياكى دادىسى بولسا ياخشى دەپ قارايمىز. تۆۋەندە توي كېچىسى ئالدىدىكى يېگىتكە ئېيتىلىدىغان نەسىھەتلەر قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: توي كېچىسى يېگىت جىنسىي تۇرمۇش

بۇ كېچە ھەققىدە ھەر كىملەر تۈرلۈك ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى ئېيتىشىدۇ. گويا قىزلىق پەردىنىڭ ئىلىنىشىدا دەھشەتلىك ئاغرىق بولارمىش. توغرا، قىزلىقتىن جۇۋانلىققا ئۆتۈشتە بىر ئاز ئاغرىق بولىشى مومكىن. ئەگەر گەۋدىنى ئەركىن تۇتمىسىڭىز، ناتوغرا ھەركەتلەر بىلەن ئەرگە قاتتىق قارشىلىق قىلسىڭىز، جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى قىيىنلىشىدۇ، ئەنە شۇنىڭدا ئاغرىق بولىدۇ. قىزىم، ئالدىڭىزدا تۇرغان ئادەم يات ئەمەس، ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز، ئىشەنسىڭىز، سۆيسىڭىز ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تاپشۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆزىڭىزنى توغرا تۇتۇپ ماسلىشىپ بەرسىڭىز بۇ نازۇك مۇناسىۋت سىزگە لەززەت ئىلىپ كىلىدۇ. كىيىنكى ئۇچرىشىشلارنى ھاياجان بىلەن كۈتىدىغان بولىسىز.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: توي كېچىسى قىزلىق جىنسىي تۇرمۇش

بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ، بايلارنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاغۋاتلارنىڭ كىچىكىدىلا ئۇرۇقدىنىنى ئېلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلاردا پاينەكباشلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېسەلگە دۇچار بولۇپ تېستوستېرون (ئەرلەردىكى بىر خىل ھورمۇن) بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، داۋالانغاندىن كىيىن چاچ چۈشىدۇ. 1000 يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا <<شىفا>> دېگەن كىتابتا: <<ئاياللار بۇ سەلئىي كېسەللىككە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئاياللاردا ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ. ئاختا قىلىنغان كىشىلەر ھەم بۇ كېسەلگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ مىزاجى ئاياللارنىڭ مىزاجى تەرىپىگە مايىل بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھۆللۈك تارقاپ كەتمەيدۇ>> دېگەن ئىكەن. بۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جەمەتلىك پاينەكباشلىق دېيىلىدۇ. نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرگەندە.....

(سۈرەت تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز. سۈرەتتىكى داڭلىق مۇسۇلمان ناخشىچى ماھىر زەينمۇ پاينەكباش بولۇپ كۆپۈنچە ۋاقىتتا شەپكە كىيىپ سەھنىگە چىقىدۇ) داۋامىنى تەپسىلاتىغا كىرىپ كۆرگەيسىز...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پاينەكباش ئەرلىك ھورمۇن

سۈت ئىچسە زىيان قىلىدىغان بىمارلار

1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بمارلىرى . يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ھەزىم يولىدا ئىككىلەمچى تۆمۈرگە ئايلانغاندا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . سۈت ئىچسە ، بەدەندىكى ئىككىلەمچى تۆمۈر بىلەن سۈتتىكى كالتىسى ، فوس تۇزلىرىدىن ئېرىمەيدىغان بىرىكمە ھاسىل بولۇپ ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.

2. يېنىش خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سۈت

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق تەبىئەتلىك بولمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلەرنى مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدىغان تۇرۇقلۇق، ھەر خىل مىزاجلارنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىغا ئەھمىيەت بەرمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىسسىقلىق ئېشىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بولغانىكەن، سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارغىمۇ تايانماي بولمايدۇ. قان ۋە سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئومۇمەن سوغۇقلۇق ۋە سوغۇققا مايىل دورىلار داۋا بولسا، بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تەبىئىي بولمىغان ئۆزگىرىشلىرى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ھەم ئۇزۇنغىچە ئىسسىق دورىلارنى بېرىشكە توغرا كىلىدۇ. پەقەت تېۋىپنى ياخشى تاللاپ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئىسسىق

كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟

ئوخشاش يېمەكلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئادەمگە تەبىئەت جەھەتتىن(ماددىي تەسىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئايرىم توختىلامىز) ئوخشىمىغان تەسىر بېرىشى، كالا سۈتىگە ئوخشاش مۆتىدىلگە يىقىن مىزاجلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مۆتىدىلگە مايىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىق مىزاجلارغا ئىسسىقلىق، سوزۇق مىزاجلىقلارغا سوغۇقلۇق تەسىر بېرىشى ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، سوغۇقجانلارنىڭ سوغۇقلۇققا سەزگۈرلۈكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشقازان ۋە بۆرەك مىزاجى سۇۋۇغان سوغۇقجان كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ سوغۇق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ؛ جىگەر ۋە ئۈچەي مىزاجى ئىسسىپ كەتكەن ئىسسىقجان كىشىلەر، ئەكسىچە سۈتنىڭ ئىسسىق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كالا سۈت ئىسسىق سوغۇق

ئۈرۈمچى

بۇنداق گەپلەر ئىزدىنىشتا مودا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى مودا سۆز ‹‹سەكسىي›› بوپتۇ. ئالدىنقىسى ‹‹ بىز مۇشۇنداق چاكىنلىشىمىز›› ئىدى.

مەنمۇ بۇلتۇر جىجاپ قويۇپ بلوگىمدا ئىلان قىلمىغان ساياھەت خاتىرەمدىمۇ ئۈرۈمچى قىزلىرىنى سۈپەتلىگەندە ئىشلىتىپتىكەنمەن سېكسىي دېگەن سۆزنى. لىكىن ئىشلىتىپ بولۇپلا بىر خىل بىئارام بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئەسلى بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۈرۈمچىدە 5-6 كۈن تۇرۇپ ئاندىن غۇلجا تەرەپلەرگە ئۆتمەكچى ئىدىم. بۇ قېتىمقى ساياھەت پىلانىمدىن خەۋىرى بار كونا خىرىدارلىرىم ۋە 80خالتا بلوگىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان تورداشلار ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللاشتى. مەن ھەر بىر ئۇچۇر يوللىغۇچىغا ئىمكان بار ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاپ قايتۇرغان بولساممۇ ئۈرۈمچىدە ئاران ئىككى كۈنلا تۇرالىدىم. ئۈرۈمچىدە تۇققانلارنى يوقلاپ، مىھمان بولۇپ دېگەندەك ئالدىراش يۈرۈپ ماڭا ئالدىن ئۇچۇر قىلغان خىرىدارلاردىن 2-3 بىلەن كۆرۈشەلىگەندىن باشقا كۆپلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئانام، ئايالىم ۋە ئوغلۇم بولۇپ تۆتىمىز ماڭغان بۇ ساياھەت ۋە تۇققان يوقلاش پىلانىدا مەم كۆپچىلىككە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. تۇققانلارنىڭ مىھماندارچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ سەپەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر ساۋاقدىشىمنىڭكىگە بارماقچى ئىدىم، كەچ قالسام قونۇپ قىلىشىم مومكىن دەپ قويۇپ مىھمانخانىغا چۈشتۈم. تۇققانلار ھەر قانچە ياخشى كۈتىۋىلىشقا تىرىشقان بىلەن مىھمانخانىدا ياتقاندەك ئازادە بولغىلى بولمايدىكەن. ئەتىسى ئەتتىگەندە مىھمانخانا زالىدا كىلىشىپ قويغان خىرىدارلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىشىمنى تۈگۈتۈپ سىرتقا چىقتىم. ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئادەم بالدۇرقىدەكلا كۆپ ئىدى، قىز-ئاياللارنىڭ مودىلىشىپ ، جەلىپلىك كىيىنىشى مەن كۆرگەن 3-4 يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچىدىن تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق بەلگىلىرىنى تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك ، چاچ پوسۇن، گېرىم دېگەندەكلەردە رەسمى سېكسىيلىشىپتۇ* .

ئېنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت: sexy - مودا، جەلپ قىلارلىق، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان.

ياشلار باغچىسى ئالدىدا دورا-دەرمەك دۇكىنى ئاچقان ياسىنجان بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ياشلار باغچىسى تەرەپكە قاراپ ماڭغان 4-5 نەپەر قىز-يېگىت ئوقۇغۇچىلار دىققىتىمىنى تارتتى. بۇ بالىلارنىڭ كېيىملىرىمۇ شۇنداق مودا ئىدى. لىكىن نىمىلا بولمىسۇن بۇلارنىڭ قولىدا كىتاب بار ئىدى.
ياسىنجان بىلەن ئۇچرىشىپ قايتاشىمدا بالامنى يىتىلەپ ياشلار باغچىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقۇچە 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان ھىلىقى ئوقۇغۇچىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. باغچىنىڭ بۇلۇڭىدا قولىدا كىتاب كۆتۈرىۋالغان، كېيىنىشى ئالامەت سېكسىي بىر قىز ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا تاماكىسىنى شوراپلا ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ يۈزىگە پۇۋلىدى.... ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇيدىغان، ئالىي ئوقۇللاردا ئوقۇيدىغانلارغا بۆلەكچە ھەۋەس قىلاتتىم. بۇ قىتىم كونا ھەۋەس بىلەن ئۇشۇ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا لەپپىدە قاراپ سالغانلىقىم ئۆزىلا ماڭا بىر خىل خورلۇق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئىلگىركى ھاياجان ۋاقىتلىرىم بولغان بولسام بۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەلەم تارتىپ، دەرت يۇتۇپ نەچچە كۈن ئۇيقۇم كەلمەس بولغىيتتى، ئىسىت مىللەت ئانىلىرى، مىللەتنىڭ گۈللىرى...دەپ چوقۇم يېغا تۇتاتتى. لىكىن بۇ قىتىم بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنى كوچىلاردا تولا كۆرۈپ كۆنۈپ قالدىم بولغاي بەك ۋايىم يەپ كەتمىدىم. ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا شەرمى-ھايا تىلەيمەن.

ئايال-باللىرىمنى ئىلىپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئىلىپ باردىم. ئۇياق-بۇياقنى ئايلانغاچ بىر-ئىككى پارچە سۈرەت تارتىپ قويدۇم.

كۆل بويىدىكى شۇنچە ئۇز ئىچىلىپ كەتكەن ‹‹گۈل چاي›› غا مەستلىكىم كىلىپ سۈرەت تارتاي دەپ ئاپاراتنى توغۇرلاۋاتسام يان تەرەپتە ئولتۇرغان بىر-ئىككى سىتۇنېت قىز ھەييارلىق قىلىپ ‹‹ مانا بىز، بىز بۇياقتا...›› دەپ شەرەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بوپتۇ كۆڭلۈڭلار يەردە قالمىسۇن، سىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ قالسام تورغا يوللاپ سالىمەن، خاپۇمماڭلا دېگەچ بىر پارچە سۈرەت تارتىپ قويدۇم.

 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۈرۈمچى

تۇرمۇش، تېرىكچىلىك ئۇسۇلىمىزدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبلىك شەھەرلەردە قۇياش نۇرىغا تۇيۇنغىدەك قاقلىنالمىغاننى ئاز دەپ ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇدىكى مۇزلۇق ئىچىملىكلەر، مۇزلىتىلغان گۆش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كەبىي قاننى سوۋۇتۇپ، پەي-ئەسەپلەرنى بوشىتىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ راھەت قوغلىشىدىغان زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالدۇق. ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاسىراش، سالامەتلىككە دىققەت قىلىش، مىزاجىغا بىقىپ ئوزۇقلىنىش قارىشى يىتەرسىز بولغاچقا چوڭلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسكەرتمىلىرىگە ئاڭسىز رەۋىشتە بىپەرۋا قارايدۇ. بەدەن سوغۇق، كەيپىيات ئېغىر، پەيلەر بوشاشقان ئەھۋالدا تېۋىپ يېنىغا بىرىپ تومۇر تۇتقۇزماقچى بولىدۇ. ياشلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقان كۆپۈنچە تېۋىپلارنىڭ دەيدىغىنى: بۆرەك سوۋۇپ كېتىپتۇ. قاننىڭ ھەركىتى ئاجىز، ئومومىي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەتنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىغان. پەي-مۇسكۇللار بوشاپ قۇۋۋەت تۆۋەنلەپتۇ. سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق، يەللىك، قېتىق، دوغاپ دېگەندەكلەرنى ئىچمىسىلە، بەدەن چىنىقتۇرۇپ قاننى قىززىتىپ بەرسىلە...

تېۋىپلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقانلىكى ياشلارنى بۆرەك سوۋۇپتۇ، پەي ئاجىز دېيشىدىكى مەقسەت پۇل تېپىشمىدۇ ياكى زامانىمىز ياشلىرىدا راستىنلا قان سوۋۇش، ئەرلىك زەئىپلىك ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ ....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: زەئىپلىك، ياشلار، تېۋىپ

ئۈزۈم بۇرۇندىن مەشھۇر مېۋە بولۇپ ئادەتتە مېۋە ئورنىدا ئىستىمال قىلىنغاندىن سىرت ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە ئۈزۈمدىن ھەر خىل شاراب-ئىچىملىكلەرنى، شىرنە، سىركە دېگەندەكلەرنى تەييارلاپ ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتا ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. ياشانغان كىشىلىرمىز ئارىسىدا ئەتتىگەندە ناشتىدا ئۈزۈم بىلەن نان يېسە ئادەمنى ياشارتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۈزۈم بىلەن نان يېسە سۈننەت دەيدىغان گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ مەيلى قۇرۇق ئۈزۈم بولسۇن ياكى ھۆل ئۈزۈم بولسۇن نان بىلەن يېسە ئالاھىدە ئېسىل ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابەت مەنبەلىرىدە شۇنداق بايانلار بار:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۈزۈم

لىموننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 ، ۋىتامىن C، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، تۆمۈر، كالىي، ناتىرىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. لىمون شىرنىسى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى توسىدۇ، ھەتتا شەككىللەنگەن تاشنى ئىرىتىۋېتەلەيدۇ.

 لىمون يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. كالتىسىي ئىئوننىڭ قاننى ئۇيۇتۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى قان بېسىم ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

لىمون ئارتېرىينىڭ قېتىشىشى ۋە قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ. نىترىتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

لىمون ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: لىمون lemon (níng méng) 柠檬

بىر ئانا بولغۇچى يېنىمغا كىلىپ يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئوغلىدا يۈز بەرگەن روھىي كەيپىياتى ۋە ساغلاملىقىدىكى بىنۇرمال ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالغانلىقىنى، بولسا مېنىڭ ئوغلى بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىپ كۆرۈشۈمنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئوغلى تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا چىرايى سارغىيىپ تاتىراڭغۇ بولۇپ كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ، كۆز ئاستىدا قارامتۇل ئېرىقچە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر قارىماققا ئۇزۇن يىل كېسەل تارتقان ئادەمدەك كۆرىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ قالغان. دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتىقاندا <<مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن>> دەپ ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىمىغان. ئۇ بالا بەكلا جىمغۇرلىشىپ كەتكەن بولۇپ گەپ سورىسا جاۋاب بەرمەيدىغان، ياتاق ئۆيىگە كىرىۋالسا ئىشىكنى تاقىۋىلىپ چىققىلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋالدا ئوغلىنى مەكتەپتە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرەر ئىش قىلىپ قويغاندىمۇ، بىرەرسىگە كۆيۈپ قالغاندىمۇ دېگەندەك خىياللاردىمۇ بولۇپتۇ....

تورداشلار ئىنكاسى: قايسى كۈنى سۇمرۇغ تورىدا كۆرگەن، بىرازىليىدە بىر بالا بىر كېچىدە 42 قېتىم ئانانىزىم قىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئانانىزىم

ئەرلەر گۆش توغرايدىغان، زىققا گۆش ئۆتكۈزىدىغان، كاۋاپنىڭ ئوتىنى تەييار قىلىپ كاۋاپ پۇشۇرىدىغان، سوغۇق سەي تەييارلايدىغان ئىشلارنى ئۆز ئارا تەقسىملىۋىلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. بۈگۈن بۇ يەردە ئاياللارنى <<قازان بېشى>> غا كەلتۈرمەي ئاياللارنى ئۆز قولىمىز بىلەن بىر مىھمان قىلىۋالىدىغان بولدۇق. ئاياللارمۇ بۇ پىكىرىمىزدىن كۈلۈشۈپ مەمنۇن بولۇشتى. تۇشمۇ-تۇشتىن ئىشلەپ كاۋاپلارنى زىقلاپ بىردەمدە تەييار قىلىپ بولدۇق. دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ كاۋاپ پۇشۇرۇپ يېيىشمۇ ئۆزگىچە بىر ھوزۇركەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: غۇلجا، چاققاق، كەندىر، نارات، ئۆسۈملۈك قەشقەر